باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنتتە ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى

2015.12.02 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز خەۋىرى، ئەركىن نەمەت فوتوسى) شايار ناھىيەسىنىڭ 2015 - يىلى 2 - قېتىملىق مىللىي ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 30 - نويابىر قىزىلبايراق بازىرىنىڭ بورىقاي كەنتىدە ئېچىلدى.

  كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، قىزىل بايراق بازىرى، ۋىلايەتنىڭ قىزىلبايراق بازىرىدا تۇرۇشلۇق مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەترىتى ۋە ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ بورىقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى قاتناشتى.

  كۇرستا ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ بورىقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، «ئاقسۇ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر مۇخبىر ئابدۇسالام ئابلىز مۇخبىرلىقتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرت، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا، ياخشى خەۋەر يېزىش ۋە ياخشى مۇخبىر بولۇش ئۆلچىمى قاتارلىق ئاخبارات نەزەرىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، كۇرسانتلارنىڭ ئاخبارات نەزەرىيەسى جەھەتتىكى چۈشەنچىسىنى بەلگىلىك يۇقىرى كۆتۈردى. ئارقىدىن كۇرسانتلارنى كەنتتىكى بىر قىسىم ئالدىن بېيىغان دېھقانلارنىڭ ئائىلىسىگە ئاپىرىپ، ئەمەلىي زىيارەتكە تەشكىللەپ، خەۋەر يازدۇردى.

  شايار بازىرىدىن كەلگەن كۇرسانت مېھرىگۈل ئابلا مۇنداق دېدى :«مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانچە - مۇنچە خەۋەر يېزىپ يوللىغان بولساممۇ، ئىشلىتىلىش نىسبىتى بەك تۆۋەن ئىدى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتنىشىپ، خەۋەر يېزىشتا قايسى جەھەتلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى، قايسى تەرەپكە ئەھمىيەت بېرىش مۇھىملىقىنى بىلىۋالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن كۇرستا ئۆگەنگىنىم بويىچە خەۋەرنى ياخشى يېزىپ، ناھىيەمىزنىڭ تاشقى تەشۋىقات ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن».

  ئىگىلىنىشچە، ناھىيەنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرلار قوشۇنىنى كۆپەيتىپ، تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق ناھىيەنى سىرتقا تونۇتۇش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، شايار ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ بورىقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇھەررىر، مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ قېتىمقى ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاساسىي قاتلامدا ئېچىشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە، كۇرسنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرلار، ھەر قايسى يېزا - بازار، ئىدارە - ئورۇننىڭ تەشۋىقات كادىرلىرى، قىزىلبايراق بازىرىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بورىقاي كەنتىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى بولۇپ، 100گە يېقىن كۇرسانت بۇ نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئاخباراتچىلىق كۇرسىدىن ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر