باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىز 30 يىل ئىچىدە 12مىڭدىن ئارتۇق پوستدوكتور خادىملىرىنى قوبۇل قىلىپ تەربىيىلىدى

2015.12.01 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1985-يىلى 7-ئاي، «گوۋۇيۈەن تەستىق سېلىپ دۆلەت پەن-تېخنىكا كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىغا پوستدوكتور ئىلمىي تەتقىقات كۆچمە پونكىتىنى سىناپ يولغا قۇيۇش دوكلاتىنى ئەۋەتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى»بېسىپ تارقاتتى، مەملىكىتىمىز پوستدوكتور تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلدى، ھەمدە تېز سۈرەت بىلەن راۋاجلاندى. ھازىرغا قەدەر، مەملىكىتىمىز 30 يىل ئىچىدە جەمئىي 12مىڭدىن ئارتۇق پوستدوكتور خادىملىرىنى قوبۇل قىلىپ تەربىيىلىدى، ئىلمىي تەتقىقات، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھالەردە مۇھىم رول جارى قىلىندى.

  بۇ 30يىل ئىچىدە، ئېلىمىزنىڭ پوستدوكتور تۈزۈمى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورايدى. پوستدوكتور خىزمىتى مەركەزگە قاراشلىق ئورۇنلاردىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە رايۇن شەھەردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلارنى قاپلاشقا تەرەققىي قىلدى. تەتقىقات دائىرىسى تەبئىي پەن، سانائەت پەنلىرىدىن تەرەققى قىلىپ 13 پەن تۈرىدىكى 110 بىرىنچى دەرىجىلىك پەننى قاپلىدى. ئېلىمىزدە پوستدوكتور ئىلمىي تەتقىقات كۆچمە پونكىتىدىن 3011ى، پوستدوكتور ئىلمىي تەتقىقات خىزمەت پونكىتىدىن 3405ى قۇرۇلدى. بارغانسىرى پىشىپ-يېتىلىۋاتقان پوستدوكتور تۈزۈمى ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەيدىغان مۇھىم ئۇسۇلنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر