- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى يېڭىلمەسلىك تارىخى ئاخىرلاشتى
2015.12.02 14:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن كەچتە، بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئالدىدا مېڭىۋاتقان شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 128كە قارشى 119نومۇر بىلەن فۇجيەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە يېڭىلمەي كېلىۋاتقان تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى. فۇجيەن كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىنى يېڭىۋېلىشتا، ئاساسلىقى ئىككى چەتئەللىك ماھىرنىڭ رولى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. بايكىس 43نومۇر ئالدى، خاتىپ 35نومۇر ئالدى، بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق 4-بۆلەكتە ئىككەيلەن نۆۋەتلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، نەچچە قېتىم شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى بەربات قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسى تەرەپتىن پەقەت بىرلا چەتئەللىك ماھىر مۇسابىقىگە چۈشتى، ئىچكى سەپتىكى چەتئەللىك ماھىر بلاتچى يارىلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغانلىقتىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي كۈچىگە تەسىر يەتكۈزدى.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن جەمئىي بەش ماھىرنىڭ ئالغان نومۇرى ئىككى خانىلىققا يەتتى. كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر