باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: قىشتا مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش مەخسۇس قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم

2015.12.01 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 29-نويابىر جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قىشتا مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش مەخسۇس قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كوچىدا قۇتقۇزۇش سالمىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زورايتىپ، كوچىلاردىكى تۇرمۇشتا چىقىش يولى يوقلارنى قوبۇل قىلىپ قۇتقۇزۇشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرسى بايقالسا بىرنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ۋە قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ چارلاپ تەكشۈرۈش قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىش ۋە تىز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. كوچىلاردىكى سەرگەردانلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تۇرمۇشىدا چىقىش يولى يوقلارنى قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرسى بايقالسا بىرنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. چارلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتى ۋە قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورۇنلىرى، شەھەر يېزىلار تۇتىشىدىغان جايلاردىكى دالىدا تۈنىگۈچى رايونلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كېچىدە چارلاش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش لازىم. قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا كېلىشنى خالىمايدىغانلارنى كېرەكلىك قىشتىن ئۆتۈش ماددىي بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ، كېيىنكى ئىشلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ نەسىھەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جايلار يېزا بازارلار كوچىلاردىكى قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا بازارلار، كوچىلار، كەنىت ئاھالە كومىتېتلىرىدا قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت پونكىت ئورۇنلىرى، قۇتقۇزۇش مەسلىھەت بېرىش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شەھەر، ناھىيە رايون، يېزا ،بازار كوچا ، كەنت مەھەللە كومىتېتىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك بىرلىشىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر