خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېرۇسالىم يەرلىك سوتىدا، شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنى ئۆلتۈرگەن ئاساسلىق جىنايەتچى، 30ياشلىق يەھۇدىي بېن دەيۋىينى (ئوتتۇرىدا) ساقچىلار يالاپ سوتقا ئېلىپ چىقتى. ئېرۇسالىم يەرلىك سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈرنى ئۆلتۈرگەن ئىككى يەھۇدىي ياشنى جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلدى، بىراق يەنە بىر قۇرامىغا يەتكەن ئاساسلىق جىنايەتچىگە ھۆكۈم ئېلان قىلمىدى.
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى 16ياشلىق پەلەستىنلىك ئۆسمۈر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن قەستكە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى شۇ چاغدا شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋەقە يۈز بېرىپ نەچچە كۈندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ دىلوغا چېتىشلىق 6جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 3كىشى جىنايىتىگە ئىقرار بولدى ھەمدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش جەريانىنى تاپشۇردى، يەنە ئۈچ كىشىنى ساقچىلار گۇناھسىز دەپ قويۇۋەتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى