باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو جامائەت مۇلازىمىتى تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرىدۇ

«نۇرغۇن گۇۋاھنامە بېجىرىش، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ

2015.12.01 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جامائەت مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە قولايلىق يارىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) تارقىتىپ، جامائەت مۇلازىمىتى تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ «نۇرغۇن گۇۋاھنامە بېجىرىش، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي بىر تەرەپ قىلىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنى ئادىل، يېقىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇمىي خەلق ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، بازار ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاممىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مۇلازىمەتتە خەلققە قولايلىق بولۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، قانۇن-بەلگىلىمەلەر بويىچە ئىش بېجىرىش، ئۇچۇر ئاشكارا، ئېنىق بولۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاپ ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپكە ئاساسەن، جامائەت مۇلازىمەت ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ سەۋىيىسى ۋە ئاممىنىڭ رازىلىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر