باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زىمبابۋېنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئۈستىدە قىزغىن مۇنازىرە ئىلىپ باردى

2015.12.02 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زىمبابۋېدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا زىمبابۋېدا چىقىدىغان ئاۋانگارتلار گېزىتىدە« جۇڭگو زىمبابۋې دوستلۇقىدا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، زىمبابۋېدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسى ئىنتايىن سەمىمىي ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن زىمبابۋېنىڭ ياخشى شېرىكلەر، ياخشى دوستلار، ياخشى قېرىنداشلاردەك ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قويۇق دوستلۇق ھېسسىياتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  زىمبابۋې ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ۋە مەمۇرىي فاكۇلتېتىنىڭ ئالىي لېكتورى، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان چېڭگۇڭنو مۇنداق دېدى: جۇڭگو زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇستەھكەم جۇڭگو زىمبابۋې دوستلۇقىغا ئورنىتىلغان بولۇپ، دوستلۇقنى قەدىرلەش، جۇڭگو زىمبابۋېنىڭ ئەنئەنىسى. مەن جۇڭگو زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە داۋاملىق تەرەققىي قىلىشنى جىن دىلىمدىن تىلەيمەن.

  زىمبابۋېلىق تىلشۇناس مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىمبابۋېگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە ئالماشتۇرۇشىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۇرۇپ، زىمبابۋې جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تىز ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . ئۇ مۇنداق دېدى: زىمبابۋېلىقلار بىر تال سەرەڭگە بىلەن تاماق پىشمايدۇ دېگەن گەپ بار ، جۇڭگولۇقلاردىمۇ كۆپچىلىك ئوتۇن تەرسە ئوت ئۇلغىيىدۇ دېگەن سۆز بار. ئىككى دۆلەتنىڭ تىلىدا ناھايىتى زور ئوخشاشلىقلار بار، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىمۇ ئادەتتىكى دوستلاردىن تېخىمۇ يېقىن بولۇشى كېرەك .

  زىمبابۋې زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىقتىساد ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش مۇدىرى مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا، زىمبابۋې شەرققە يۈزلىنىش سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقتىن، ئاندىن بۈگۈنكى كۈندىكىدەك تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو زىمبابۋېنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۆپلىگەن ياردەملەرنى بەردى، جۇڭگو مەبلەغ سالغانلىقتىن، زىمبابۋې ئاندىن بۈگۈنكى كۈندە جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر