باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

شى جىنپىڭ پارىژغا يېتىپ بېرىپ فرانسىيەدىكى سەپىرىنى باشلىدى

فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن پارىژ ئورلى خەلقئارا ئايرودرومىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.

2015.11.30 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-نويابىر فرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا بېرىپ، فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوللاند ۋە پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىنىڭ رەئىسى فابىئوسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:30دا پارىژ ئورلى خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  ۋاڭ لۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار بىللە يېتىپ كەلدى.

  جۇڭگونىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى جەي جۈنمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى « ب د ت كېلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 21-قېتىملىق پۈتۈشكۈچى تەرەپلەر يىغىنى ۋە «كىيوتو كېلىشىمنامىسى»نىڭ 11-قېتىملىق پۈتۈشكۈچى تەرەپلەر يىغىنى بولۇپ، 30-نويابىردىن 11-دېكابىرغىچە پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شى جىنپىڭ پارىژ كېلىمات ئۆزگىرىشى چوڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن زېمبابۋې ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوخاننېسبۇرگقا بېرىپ جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر