باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈندىدار توپىدا «قوش تىل» ئۆگىنىش يېزا ياشلىرىنىڭ ئالقشىغا ئېرىشتى

2015.12.02 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت، رېھىمجان رۇستەم خەۋەر قىلىدۇ) ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىن قاراتال بازىرى سېرىققېرچىن كەنىتىگە چۈشكەن «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش» پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتە «قوش تىل» ئۆگىنىش كەچ كۇرسى ئېچىشتىن باشقا، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ۋە ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ نورمال ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدىغان «قوش تىل» ئۆگىتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كەنتتە ئۈندىدار ئىشلىتىدىغان ياشلارنىڭ بىرقەدەر كۆپلىكىنى بايقاپ، خىزمەت گۇرۇپپا باشلىقى يېتەكچىلىكىدىكى 50 كىشىلىك ئۈندىدار توپى قۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچتىن - بەشكىچە تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان خام خەت، ھەپتىدە بىر جۈملە يوللىغاندىن سىرت يەنە، سوتىسيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كەنتتىكى ياخشى ئىش - پائالىيەتلەر ۋە مۇھىم يىغىنلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى يوللاپ، كەنتتىكى ياشلارنى ياخشى يېتەكلىدى. ھازىر، بۇ ئۈندىدار توپى كەنت ياشلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، «قوش تىل»نى كۈندە ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى ئاكتىپلىق بىلەن يوللاپ، ئۆز - ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، بىرلىكتە تەربىيەگە ئىگە بولماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر