- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى
2015.12.01 09:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ھامىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋىلايەت 29- نويابىر سۇرىيەدە زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى مۇھىتتا، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئىراننىڭ مەجبۇرىيىتى. سۇرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ۋىلايەت، ئىران زۇڭتۇڭ باشار ئەسەت رەھبەرلىكىدىكى سۇرىيەنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى قوللايدۇ دېگەن. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: بۇ بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز. ۋىلايەت مۇنداق دېدى: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن بۇيان، ئىران سۇرىيە بىلەن ئىزچىل تۈردە ئىنتايىن يېقىن قېرىنداشلارچە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىراننىڭ ئالى رەھبىرى ھامىينىيىمۇ باشار ھاكىمىيتىگە ئىراننىڭ قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر