باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

2015.12.02 15:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 30 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئىدىيەنى مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خىزمىتىنى كەينىگە سۆرىمەي، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ سۆزى ۋە مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭنىڭ يىغىندا قىلغان خۇلاسە سۆزى ئەينەن يەتكۈزۈلدى ھەم مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا، نامراتلىققا ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يۆلەش - ئېچىش توغرىسىدىكى زور نەزەرىيەلەر ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، ئۇ يېڭى مەزگىلدىكى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىنىڭ پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججىتى ھېسابلىنىدۇ. زۇڭلى لى كېچياڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى چالدى. شىنجاڭ مەركەز بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە بۇ مەسئۇلىيەتنامە بويىچە، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تاماملىشىمىز كېرەك. ئىدىيەنى مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىشىنى كەينىگە سۆرىمەي، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: مەركەز يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى بەش جەھەتتىن چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك.

  بىرىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى. شۇڭا تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ ئېنىق تەپەككۇر، تېخىمۇ توغرا تەدبىر، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا يېتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نىشانىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. 2020 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمىدىكى يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش؛ يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش مۇلازىمىتى ۋە تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا دۇچ كېلىۋاتقان زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش تۈزۈلمە مېخانىزمى، يۆلەش - ئېچىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، نامراتلارنى يۆلەش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش، مەبلەغ سېلىش، نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى قوزغىتىش، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈپ يېتەكلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك؛ شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنە چېگرانى قوغداش بىلەن يۆلەش - ئېچىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ جايىدا بولۇش تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. يۆلەش ئوبيېكتلىرى جايىدا بولۇش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جايىدا بولۇش، مەبلەغنى ئىشلىتىش جايىدا بولۇش، تەدبىرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولۇش، كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم ئەۋەتىش جايىدا بولۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى جايىدا بولۇشتىن ئىبارەت «ئالتە جايىدا بولۇش»قا كاپالەتلىك قىلىپ، كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قانداق قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «تۆت مەسىلە»نى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. سىياسىي ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ يۆلەش مەبلىغىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، پۇلنى ياخشى ھەم جايىدا خەجلەش؛ سۇبيېكتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرۈگۈچ كۈچنى قوزغىتىپ، كۈچلەرنى يەنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى يۆلەش ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تەسىر ۋە كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش؛ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان ھەرىكەت لايىھەسىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇش؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىغا يۇقىرى ئۆلچەم ۋە يۇقىرى تەلەپ بويىچە تەييارلىق قىلىپ، ئەھۋالنى ھەقىقىي ئېنىقلاپ، باسقۇچلۇق يۆلەش - ئېچىش نىشانى ۋە ئەمەلىي چارىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدىغان يۆلەش سۇپىسى بەرپا قىلىش؛ ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، يۆلەش يىرىك پىلانىنى 12 - بەش يىللىق يىرىك پىلان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تۈركۈم چوڭ قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش ھەم ئۇنى 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابىكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر