باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تاموژنىسى 20 دانە ئالا تيۇلېن تېرىسىنى قولغا چۈشۈردى

2015.12.01 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-نويابىر، مۇخبىر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودروم تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودروم تاموژنىسى 2015-يىلى قولغا چۈشۈرگەن دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار ئەتكەسچىلىك دېلوسى ئىكەن، بۇ دېلو دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 28-ئۆكتەبىر سەھەر سائەت 1:00 دە، ئۈرۈمچى ئايرودروم تاموژنىسىنىڭ يولۇچىلار تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئالمۇتادىن ئۈرۈمچىگە كىرىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە، بىر جوڭگولۇق يولۇچىنىڭ توشۇشقا ئۆتكۈزگەن يۈك-تاقلىرى ئىچىدە ئالا تيۇلېن تېرىسىگە ئوخشايدىغان 20 دانە تېرىنى قولغا چۈشۈردى. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ باھالىشىچە، بۇ ھايۋانلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 480 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، بۇ باھا ئىمپورت قىلىنغان BMW X3 تىپلىق ماشىنىنىڭ باھاسىغا تەڭلىشىدىكەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر