باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەككىز يىل مەبلەغ توپلاپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز بىنا سالىدۇ

2015.12.01 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بىر تەرەققىيات سودىگىرىنىڭ 29 –نويابىر ئېيتىشىچە،دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ئىمارەت « پادىشاھ مۇنارى »نى سېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق مەبلەغ ئاللىقاچان توپلىنىپ بولغان بۇلۇپ، بۇ بىنانى سېلىش خەۋىرى تارقالغىنىغا يەتتە يىلدىن ئاشقان ئىكەن.

  « پادىشاھ مۇنارى » قىزىل دېڭىز بويىدىكى پورت شەھىرى جىددەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، لايىھىلەش ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1007مېتىر بولۇپ، بۇ بىنا ھازىرقى ئەڭ ئېگىز ئىمارەت دۇبەيدىكى خەلىپە مۇنارىدىن تەخمىنەن 180مېتىر ئىگىز بولىدىكەن.

  پادىشاھلىق پاي كونترول شىركىتىنىڭ بىر باياناتىدا ئېلان قىلىنىشىچە، پادىشاھلىق پاي كونترول شىركىتىگە قاراشلىق جىددە ئىقتىسادىي شىركىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئالىما مەبلەغ سېلىش شىركىتى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىغان، سوممىسى ئىككى مىليارد دوللاردىن ئاشقان بۇلۇپ، « پادىشاھ مۇنارى »نىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملىشىغا يېتىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، « پادىشاھ مۇنارى » قۇرۇلۇش تەننەرخىگە تەخمىنەن 4مىليارد 600مىليون رىيال ( تەخمىنەن بىر مىليارد 200مىليون دوللار ) كىتىدىكەن.

  پادىشاھلىق پاي كونترول شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پايتەختى رىيادتا بۇلۇپ، خوجايىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شاھزادىسى، نەچچە يۈز مىلياردلىق باي ئەل ۋالىد بىننى تالال. ئەل ۋالىد بولسا ۋاپات بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا بىننى ئابدۇل ئەزىزنىڭ جىيەنى، نەچچە يۈز مىلياردلىق مال مۈلۈككە ئىگە بۇلۇپ، كۆپ قېتىم ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ باي بۇلۇپ تونۇلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر