باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاتاكا سىگنالى ياڭرىتىلدى

لى كېچياڭ سۆز قىلدى، جاڭ دېجياڭ، يۈجېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.11.30 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنى 27-نويابىردىن 28-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش-سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، پارتىيەمىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش- پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاتاكا سىگنالى ياڭرىتىلدى. بىز يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشىدەك ئىرادە تىكلەپ، نىشاننى بويلاپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، 2020-يىلىغىچە بارلىق نامرات رايونلارنىڭ ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلغان مەركەزنىڭ تۇنجى خىزمەت يىغىنى، بۇنىڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئىپادىلەندى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چىقىش قىلىنىپ، 2020-يىلىغىچە دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق بۆكىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك نامرات بولۇشنى ھەل قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر