باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە ئوت-چۆپ توغراش ماشنىسى تارقىتىپ بېرىلدى

2015.11.30 12:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بېشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتى «ۋىلايەت دەرىجىلىك گۆش قويىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاش ھەمدە ئىلمىي باقچىلىقتا ئۇلگە كۇرسىتىش كەنتى» بولغاچقا، ھەممە ئائىلىدە چارۋا-مال  بار ئىدى. باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن 58ى، ۋىلايەت دەرىجىلىك گۆش قويىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاپ يىېتىشتۇرۇش ئائىلىسىدىن 6 سى بار بۇلۇپ، بۇيىل باقمىچىلىق سۇپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، يەم خەشەكنىڭ  پايدىلىنىش  ئۇنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئۇچۇن ناھىيىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەر قايسى  جەھەتتىن زىچ ماسلىشىپ، 165مىڭ يۈەن  مەبلەغنى قۇلغا كەلتۇرۇپ، 100دانە ئۇت-چۆپ تۇغراش ماشىنىسى سىتىۋىلىپ، كەنتتىكى باقمىچىلىق چۇڭ ئائىلىسىنىڭ  ھەر بىر ئائىلىگە 40% بۇيىچە تۇلۇقلىما بىرىش ئۇلچىمىگە ئاساسەن ئوت تۇغراش ماشىنىسى تارقىتىپ بەردى.

  بۇ يىل 22 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئالىمجان ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ياشىنىپ قالغان بۇلغاچقا، ئۇ ئائىلىسىدىكى بىردىنىر ئەمگەك كۇچى ھىسابلىناتتى. بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇ  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونۋىرستېتىدىن  كەنتكە چۈشكەن  خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، 60دىن ئارتۇق قوي باقتى. گەرچە، خىلى كۆپ ئىلمى بېقىش تېخنىكىسىنى ئۈگەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىلى يەم –خەشەك تەييارلايدىغان ۋاقىتتا  ئۇنى غەم باساتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ بۇ قىتىم   1000 يۇەن  خەجلەپلا بىر ئوت توغراش ماشىنىسىغا  ئىرىشتى.

  شىنجاڭ يېزا –ئىگىلىك ئونۋىرستېتى ھايۋانات ئىلمى ئىنىستىتوتىنىڭ دوكتۇرى، ئۈستۈنكى قۇمئېرىق  كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ  ئەزاسى  ئابلىز ئوسمان مۇنداق دېدى: بىز يەم –خەشەك كەمچىل بۇلۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇزۇن ئوتلارنى ئۇرۇپ، قاتتىقلىرىنى توغراپ يۇمشىتىپ ئەمەلى ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق، بىز قىشتا كىۋەز شادىسى، شال پاخىلى قاتارلىقلارنى ئوت توغراش ماشىنىسىدا تۇغراپ يۇمشىتىپ ، يەم خەشەك تەييارلاشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ يىتەرلىك يەم خەشەك تەييارلىشىغا ياردەم  قىلدۇق.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر