باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 4-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى

2015.11.25 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-نويابىر سۇجۇ شەھىرىنىڭ «تەيخۇ» خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 4- قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ۋە رىياسەتچىلىك قىلدى. لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24-نويابىر سۇجۇ شەھىرىنىڭ «تەيخۇ» خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپادىكى 16 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 4- قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ۋە رىياسەتچىلىك قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترىيە، يۇنان ۋە ياۋروپا گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات بانكىسى ۋەكىل ئەۋەتىپ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى. «16+1 ھەمكارلىقى» كىچىكلىكتىن زورىيىپ، يۈزەكىلىكتىن چوڭقۇرلىشىپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت ۋە جايلارنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىپ، مەزمۇنى كۈنسېرى موللىشىپ ۋە پىشىپ يېتىلىپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزدى. «16+1 ھەمكارلىقى» جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇمىيىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، جۇڭگو، ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئورتاق يېڭىشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئوخشىمىغان رايون، تۈزۈم ھالقىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر