باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش توختام مۇلازىمىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بەش يىلدىن كېيىن ھەممە ئائىلىنىڭ توختاملىق دوختۇرى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى

2015.11.26 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا«مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. 2020-يىلىغىچە ھەر بىر ئائىلىدە بىر لاياقەتلىك توختاملىق دوختۇر، ھەر بىر كىشىنىڭ بىر پارچە ئېلېكترلەشكەن سالامەتلىك ئارخىپى بار بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  توختاملىق دوختۇر ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانا ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن تاللىنىدىكەن.

  «پىكرى »مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى :توختاملىق دوختۇر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. توختاملىق دوختۇر قۇشۇنى ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ تېببىي خادىملىرى بولۇشى كېرەك. قاراشلىق رايوندىكى مۇلازىمەت قىلىش دائىىرىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا ئاساسەن، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت رايونىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. توختاملىق دوختۇر قۇشۇنى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق مەسىلىسىنى ئىگىلىشى كېرەك، ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئونۋېرسال، ئۈزلۈكسىز، ئۈنۈملۈك ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر