باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كىلپ سودىگەر چاقىردى

2015.11.26 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : بۇ يىل « 12 - دېكابىر سېتىۋېلىش بايرىمى»دا، قەشقەرنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدە ئالاھىدە ئېتىبار باھادا سېتىش ئورنى ئېچىپ، توردا مال سېتىۋېلىش زور ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلىدۇ.

  تۆنۈگۈن مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ھەمدە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە كۆزى چۈشۈپ، تۇنجى قېتىم قەشقەرگە كىلپ سودىگەر چاقىرغان بۇلۇپ، 18-،19- نويابىر ئىككى قېتىملىق چوڭ سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتى، يەنى « 2015 - يىللىق جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى POPئېچىۋېتىش سۇپىسى سودىگەر چاقىرىش يىغىنى ( جەنۇبىي شىنجاڭ پونكىتى ) » ۋە «12 - دېكابىر جەنۇبىي شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدە ئالاھىدە ئېتىبار باھادا سېتىش يەرمەنكىسى » ئۆتكۈزگەن.

  جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى POPئېچىۋېتىش سۇپىسى سودىگەر چاقىرىش يىغىنى، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، يىغىپ ساقلىنىدىغان بويۇملار، سوۋغات , يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا خېرىدار چاقىرىپ، ھەمدە شۇلار ئىچىدىن تاللاپ نۇقتىلىق يۆلەيدىغان سودىگەرلەرنى تاللاپ، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى كېڭەيتىش يۆلەش سىياسىتى بىلەن تەمىنلەپ، قوللايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، يېقىندا جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىنىڭ قەشقەرگە كېلىپ سودىگەر چاقىرىشىدىن باشقا يەنە، ئالى بابامۇ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئۇچراشقان بۇلۇپ، ئالى سودا ئىنىستىتۇتى يەنە 11- ئاينىڭ ئاخىرى، 12 - ئاينىڭ باشلىرىدا قەشقەردە ئېلېكترونلۇق سودا تەربىيەلەش يىغىنى ئاچىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر