باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك

2015.11.25 12:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 23-نويابىر چۈشتىن كېيىن ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مېتودولوگىيەسى بويىچە 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە يېڭى قانۇنىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىكى قانۇنىيەت خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى سىستېمىلىق ئىقتىساد نەزەرىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مەنزىل ئېچىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى مۇرەككەپ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھادىسىلەر ئالدىدا، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئۆگىنىش بىزنىڭ ئىقتىسادنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت جەريانىنى تونۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا كۆرۈلگەن نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىزگە پايدىلىق.( شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر