باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مالاككا ئارىلىنى زىيارەت قىلدى

جۇڭگو-مالاككانىڭ تىنچ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان كەلگۈسىنى يارىتايلى

2015.11.23 16:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 22-نويابىر چۈشتىن كېيىن شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلىشىپ بىر سائەتتىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مالاككا ئارىلىغا بېرىپ، خانىمى چېڭ خۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا مالايسىيانىڭ تۇنجى بېكىتىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.

  مالاككا ئارىلىنىڭ جۇڭگو بىلەن دوستلۇقى چوڭقۇر. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دېڭىزچىسى جېن خې يەتتە قېتىم غەربىي تىنچ ئوكيانغا بارغاندا بەش قېتىم مالاككادا تۇرغان، ئۇنىڭ دوستانە بېرىش-كېلىش قىلغان تارىخىي ئىزنالىرى ۋە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلىرى كىشىلەر ئارىسىدىكى قىزىق پاراڭغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مالاككا ئارىلى گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئۆلكە، شەھەرلىرى بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور.

  مالاككا ئارىلى يول بويىدىكى نەچچە ئون كىلومېتىر ئارىلىققا جۇڭگو بايرىقى ئېسىپ جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى چېڭ خۇڭ يېتىپ كەلگەندە مالاككا ئارىلىنىڭ باشلىقى كاررېرې بىلەن ئۇنىڭ خانىمى، مىنىستىرلار باشلىقى ئىدرىس بىلەن ئۇنىڭ خانىمى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ۋە سۆھبەتلەشتى.

  ئۇنىڭدىن كېيىن، لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى جېن خې مەدەنىيەت سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئاپتوموبىل قەدىمىي ۋە ئاۋات كوچىغا يېتىپ كەلگەندە، كوچا بويىدىكى دۇكانلار ئۆزلۈكىدىن جۇڭگو زۇڭلىسىنى قارشى ئالىمىز دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېسىپ، كىشىلەر قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. جېن خې مەدەنىيەت سارىيىدا كېمە، فار فۇر بويۇم قاتارلىق نۇرغۇن كۆرگەزمە بويۇملىرى بولۇپ، مەيدان، شەخسلەر ئىنتايىن ئوخشىتىپ ياسىلىپ، جېن خېنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيانغا بارغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ۋە شۇ جايدىكى كىشىلەرگە يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق، توقۇمىچىلىق جەھەتلەردىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىۋاتقان جانلىق كۆرۈنۈش قايتا نامايان قىلىنغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر