باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەرقى ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.25 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 23-نويابىر قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەرقى ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنىنىڭ رەئىس باياناتى ئىجابىي بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىكى سىياسى ئارزۇسى ئىپادىلەندى، خوڭ لېي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى قوش رېلىس تەپەككۇرى بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى يەنى ئالاقىدار ماجرالارنى ئالاقىدار ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر سۆھبەتلىشىپ، كېڭىشىپ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى جۇڭگو بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئورتاق قوغدايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر خىتاپنامىنىڭ روھىغا ئاساسلىنىشى، بىۋاستا ئالاقىدار ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەر دوستانە كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق زېمىن ۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقى ماجراسىنى تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك، جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە جەنۇبي دېڭىزنىڭ تىنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر