باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باغۋەنلىكلەر نىمىشقا خۇشال؟

2015.11.24 17:17        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمانجان ئىسمائىل، گۈلبۇستان مەھەممەت، لۇپىڭ خەۋىرى، فوتوسى)
تاغا، ئىسىمىڭىز نىمە؟
-روزى سادىر.
- سىز نىمە ئۈچۈن بۇنچە خۇشال؟
- خۇشال بولماي تۇرالامدىم ئۇكام، كەنتىمىزگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاممىغا بەك كۆيىنىدىكەن، ئۇلار قىيىن ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلدى، كەنتنىڭ ئىچىنىلا ئەمەس دىلىمىزنىمۇ يۇرۇق قىلدى. بىزگە بەخت ئاتا قىلغان ئاشۇ ئىسىل كادىرلار كەنتىمىزدىن مەڭگۈ كەتمىسىكەن دەيمەن.
- قارىغاندا ئۇ كادىرلاغا ئاشىق بوپسىزدە؟
- ئاشىق بولمامدىغان ئۇكام، مىنىڭ ئورنۇمدا سىز بولسىڭىز تېخىمۇ ئاشىق بولىسىز.
- بوۋا سىزنىڭ ئىسىمىڭىز نىمە؟
- يۈسۈپ ئىمرەمزى.
- سالاپىتىڭىزدىن قارىغاندا دىنىي زات ئوخشىمامسىز؟
-توغرا ئېيتتىڭىز ئۇكام، مەن باغۋەن كەنت مەسچىتنىڭ ئىمامى بولىمەن.
-ئادەم سوغۇقتا توڭلاۋاتسا چىرايىڭىز ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپلا كېتىپتىغۇ؟
-كەنتىمىزگە چۈشكەن «پەرىشتە» لەر بىزنى مۇشۇنداق ئېچىلدۇرىۋەتتى ئۇكام. ئۇلار كېلىپلا كەنتىمىزدىكى ياش تۇرۇپ ساقال قويىۋالىدىغان، ئىلىم – مەرىپەت ئۆگەنمەي، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بۇرمىلاپ، دىننى قارغۇلارچە قوبۇل قىلىدىغان، توي-تۆكۈندە نەغمە –ناۋانى، مۇسىبەتتە يىغا-زارە، نەزىر-چىراغنى تەرىك ئېتىدىغان ئەسەبىي مۇھىتنى ئۆزگەرتتى. نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ كەنتىمىزگە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بەردى. قاراڭە پاك- پاكىز يوللارغا، شۇڭا كۈندە دۇئا قىلىمەن ئاشۇ سېخى قوللارغا. پاراققىدە كۈلۈشتۇق. ئىمام بولغان ئادەم يالغان سۆزلىمەيدۇ، يۈسۈپ بوۋاينىڭ شادىيەنە كۈلكىسىدىن باغۋەن كەنتىدىكى بارچە ئاممىنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئاممىنى شۇنچە خۇشال قىلىۋەتكەن بۇ كادىرلار بىلەن تېزراق كۆرۈشۈشكە ئالدىرىدىم.
قۇمباش يېزىسىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر كىلومېتىر كەلمەيدىغان باغۋەن كەنت كومىتېتى ئىشخانىسىغا كىرگىنىمدە كۆزئەينەك تاقىۋالغان، بويى ئېگىز خەنزۇ يولداش بىلەن بىر ئۇيغۇر يىگىت باش چۆكۈرۈپ بىر نىمىلەرنى يېزىۋاتقان ئىكەن. كىلىش مەقسىتىمنى ئېيتىۋىدىم ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ مەن بىلەن سۆھبەتكە چۈشتى.
-ئىسمىڭىز نىمە؟ ۋەزىپىڭىزچۇ؟
--ئىسمىم لى جيەنخاۋ، ئاقسۇ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسىنىڭ باغۋەن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولىمەن. بۇ ياق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئېزىز مەمەت بولىدۇ، دېدى يېنىدىكى ياش ئۇيغۇر بالىنى كۆرسىتىپ.
-سىلەر جەمئىي نەچچە ئادەم؟
-بەش ئادەم.
-ئۇنداقتا قالغانلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟
-باشقا ئۈچەيلەن دېھقانلانىڭ ئۆيىگە كەتتى.
-ئۇلار دېھقانلانىڭ ئۆيىگە بېرىپ نېمە قىلىدۇ؟
-مۇخبىر ئۇكام شۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، ئۇلار دېھقانلانىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئائىلە زىيارىتى قىلىدۇ. تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەيدۇ. قىيىنچىلىقى بولسا ياردەم بېرىدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىدۇ. يىل ئاخىرى بولۇپ قالغاچقا ماتېرىيال يازىدىغان ئىشلار ئاينىپ قالدى، بولمىسا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىزمۇ باراتتۇق.
-ھە مۇنداق دەڭ.
-كەنتتىكى دېھقانلا ر بەكلا خۇشال ئىكەن، سەۋەبىنى سورىسام بۇ خۇشاللىقنى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بەرگەن، دېيىشتى، قانداق ھۆنەر ئىشلەتتىڭلار؟
-ھۆنىرىمىز تولىمۇ ئاددىي ئۇكام، تەشكىل بىزنى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش» ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۇرسا بۇ يەرگە كېلىپ لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزسەك، ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بەرگەن تاماق خىراجىتى ۋە باشقا چىقىملىرىغا، ئەڭ مۇھىمى باغۋەن خەلقىگە يۈز كېلەلەيمىزمۇ. كادىر دېگەن خەلقنىڭ چاكىرى، شۇڭا چاكارلىق روھىمىزنى جارىي قىلدۇرۇپ، خەلققە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلدۇق، ياخشىلىق ھەممە ئادەمنى خۇشال قىلىدىكەن. لى جيەنخاۋنىڭ ئېغىزىدىن تۆۋەندىكى ياخشى ئىشلار خاتىرىسىنى ئىگەللىدىم.
خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان ھازىرغىچە 90 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ھەل قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىۋاتقان دېھقانلار، ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئانىلادىن ھال سوراپتۇ. يېزا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «نەۋرۇز» بايرىمىنى تەبرىكلەش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» پائالىيىتى ۋە 21 جۈپ قىز- يىگىتنىڭ كوللېكتىپ تويىغا ماددىي بۇيۇم سوۋغا قىپتۇ. ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدىن مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، كەنتتىكى دېھقان ئاياللىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈپتۇ. تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر يەنە «ساغلاملىق ئەڭ زور بايلىق» دېگەن تېمىدا مەخسسۇس لىكسىيە سۆزلەپ، دېھقان ئاياللىرىنىڭ ئۆزىنى كۈتۈش، ئاسراشتىن ئىبارەت ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپتۇ. كەنت كومىتېتىنىڭ قورۇسىغا ئىككى دانە چىراغ ئورنىتىپ بېرىپتۇ. ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا يېزىنىڭ تۆت كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاراماي يولىغا قاتناش بەلگە سىزىقى ئورنىتىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىپتۇ. كەنتنىڭ بەش كىلومېتىر قاراماي يولىنى رېمونت قىلىپ، تۆت كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى توپىلاڭ يولنى ياخشىلاپ بېرىپتۇ.ئۆلۈم - يىتىم بولغان ئائىلىلەرگە نەزىر-چىراغ ئۈچۈن ئۇن، گۈرۈچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ياردەم قىپتۇ. «4-ماي» ياشلار بايرىمى، «1-ئىيون» بالىلار بايرىمى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94يىللىقىنى تەبرىكلەش، قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى، دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 66يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتلىرىدە كەنتتىكى ئىلغار ئىتتىپاق ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاپتۇ ھەمدە تۈرلۈك شەكىلدىكى مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپتۇ. خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتىپىگە 1200 يۈەنلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىپتۇ. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كېڭىشىپ، كەنتتىكى كۆكتات ساتىدىغان دېھقانلارنىڭ يايما ئورنى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەقنى 50 يۈەندىن 20 يۈەنگە چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ. كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تاشيول تەرەققىياتىدا بارلىققا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇپتۇ. رامىزان مەزگىلىدە روزا تۇتقان مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئىپتارلىق بېرىپتۇ. سىياسەت، قانۇنلانى ئەتىراپلىق تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئاممىغا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامان ئاقىۋىتى، زىيانلىق تەرەپلىرىنى تونۇتۇپ، ئاممىنى قانۇن تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان ئېتىقاتچى ئامما، ۋەتەنپەرۋەر پۇقرا بولۇشقا ئۈندەپتۇ ھەمدە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىزمەت تەجرىبىسى شەھەر بويىچە كېڭەيتىلىپتۇ. كەچلىك «قوش تىل كۇرسى» ئېچىپ، كەنت تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىن دەرستە كەينىدە قالغان 50 ككە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ «قوش تىل» سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىپتۇ. 127 ئائىلىگە 90 توننا قىش پەسىللىك مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۆمۈرى تارقىتىپ بېرىپتۇ.
لى جيەنخاۋ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز يېقىندا يۇقىرنىڭ 500 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ پۇل بىلەن كەنتنىڭ ئىككى كىلومېتىر يولىنى قارامايلاشتۇرىمىز، قۇرۇلۇش پات ئارىدا باشلىنىدۇ.
باغۋەنلىكلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلغان، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان، ئاخىرىدا ئەلنىڭ كۆڭلىگە ياققان بۇ كادىرلانىڭ «ياخشى ئىشلار خاتىرىسى» دىكى مەزمۇنلادىن چەكسىز سۆيۈندۈم. يۈرۈگۈم ئويناپ خۇشاللىق تۇيغۇسى مىنىمۇ ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر