باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىكى جۇڭگو ئاخبارات-ۋاستىچىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 8 رەھبىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئېلان قىلدى

2015.11.25 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) مائارىپ مىنىستىرلىكى تورىنىڭ 24-نويابىر ئېلان قىلىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىكى پارتگۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئاخبارات ۋاستىچىلىكى ئۇنىۋېسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن ۋېنشېن، مەكتەپ مۇدىرى سۇ جىۋۇ قاتارلىق 8پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرنىڭ مەركەزنىڭ 8تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، تەرتىپ بويىچە ئايرىم ھالدا ئىنتىزام جازاسى بەردى ۋە تەشكىلىي بىر تەرەپ قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىكى پارتگۇرۇپپىسى چېن ۋېنشېنگە قارىتا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىتلەشنى قارار قىلدى. پارتىيە ئىنتىزامى جازاسىغا چېتىشلىق مەسىلىگە بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىكى پارتگۇرۇپپىسى مەكتەپ مۇدىرى سۇ جىۋۇغا مەمۇرىي گۇناھ يېزىش جازاسى بېرىپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. پارتىيە ئىنتىزامى جازاسىغا چېتىشلىق مەسىلىگە بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قارار چىقىرىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر