باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ناجىب بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

جۇڭگو-مالايسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا مەنپەئەتلىنىپ ئورتاق يېڭىدىغان قوشنىلار ئارا دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسى بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتتى

2015.11.25 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 23-نويابىر چۈشتىن كېيىن مالايسىيا زۇڭلى مەھكىمىسىدە مالايسىيا زۇڭلىسى ناجىب بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-مالايسىيا ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ، ياخشى دوست. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر دوستانە ئىناق ئۆتۈپ، مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا تۇردى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ زىچ ئالاقە قىلىپ، ئىقتىسادتا ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئارا قوشۇلۇپ ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن يەنە رايونلارنىڭ تىنچ، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو مالايسىيا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-مالايسىيا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، نەپ يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان قوشنىلار ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى بولۇشنى خالايدۇ. بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە سىياسىيدا ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككىنچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چىنجۇ، گۋانتان ۋە مالاككانىڭ دېڭىزغا يانداش كەسپىي رايونىنى سۇپا قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ تېخنىكا ۋە تەننەرخ ئەۋزەللىكىنى مالايسىيانىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مالايسىيا-سىنگاپور يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى، مالايسىيانىڭ جەنۇبىدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو-مالايسىيا پورت ئىتتىپاقى قاتارلىق ھەمكارلىقلار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش ئارقىلىق رايونلارنىڭ ئۇلىنىشى، ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۈچىنچى، ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو مالايسىيانىڭ خەلق پۇلىغا چېگرا سىرتىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچى ئاپپاراتىنى 50 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش سوممىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنى سېلىنمىنى ئۆز ئارا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ مەركەز بانكىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۆتىنچى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋىئاتسىيە، دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادى ۋە پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بەشىنچى، مۇداپىئە ئىشلىرى ۋە قانۇننى ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈملەشكەن مانىۋېر ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پائال ئىزدىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە چېگرا ھالقىغان جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىشتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئالتىنچى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو-مالايسىيا دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر