باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ 2015 -يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2015.11.24 14:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015 -يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنى 23 -نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتنىشىشقا كەلگەن مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى، بىز ھەر قايسى دۆلەتنىڭ پەن تېخنىكا ساھەسى، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ماشىنا ئادەم پەن تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ماشىنا ئادەم پەن تېخنىكىسى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلققە بەخت يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنى خالايمىز. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تەستىق سېلىپ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېيىلدى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ، سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز بىرىكىشىگە ئەگىشىپ، ماشىنا ئادەم پەن تېخنىكىسىنى ۋەكىل قىلغان ئەقلى ئىقتىدار ئىشلەپچىقىرىش كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلى ئىقتىدار ياسىمىچىلىقىنى دۆلەتنىڭ پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدا ئالدىن ئويلىشىدىغان مۇھىم ساھە قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇ قېتىمقى يىغىن«ماسلىشىپ بىرىكىپ تەڭ پايدا ئېلىپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق جەمئىيەتكە يېتەكلەش»نى باش تېما قىلدى، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، نۇرغۇن پەنلەر بىرىكىپ تەڭ پايدا ئېلىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىپادىلىدى، دۇنيا پەن تېخنىكا ساھەسى، كەسىپ ساھەسىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئىپادىلىدى. ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى ۋە كارخانىچىلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ماشىنا ئادەم پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭنىڭ تەستىقىدە مۇنداق دېيىلدى، دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشى جۇڭگو ۋە دۇنيا ماشىنا ئادەم تېخنىكا ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ئامما يېڭىلىق يارىتىش ۋە «ئىنتېرنېت قوشۇلمىسى» ،«2025- يىل جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇۋاتىدۇ، بۇلار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ماشىنا ئادەم كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ماشىنا ئادەم بازىرى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى، كارخانىچىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ماشىنا ئادەم پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەقلى ئىقتىدار دەۋرىنى ئېچىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2015 -يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنىنى جۇڭگو پەن تېخنىكا جەمئىيىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، خەلقئارالىق 12 ماشىنا ئادەم تەشكىلاتى، دۆلەت ئىچىدىكى 58 پەن تەتقىقات ئورگىنى يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 100 دىن ئارتۇق كارخانا ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر