باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ئەڭ تۆۋەن كۈتۈنۈش پۇلى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، «پۇل تاپشۇرغان ۋاقتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئوخشاش كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش»تەك ئەھۋال كۆرۈلدى

كۈتۈنۈش پۇلىنى 15 يىل تاپشۇرسا 22 يىلغا باراۋەر بولامدۇ؟

2015.11.24 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى باھالاپ تەتقىق قىلىش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ ٪80گە توغرا كېلىدىكەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم بويىچە 15 يىل پۇل تاپشۇرسا، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئالىدىغان ئەڭ تۆۋەن كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا 22 يىل پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن ئالدىغان كۈتۈنۈش پۇلى بىلەن تەڭ ئىكەن، يەنى شەخسەن ئۆزى 15 يىل پۇل تاپشۇرغان كىشى بىلەن 22 يىل پۇل تاپشۇرغان كىشىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەڭ ئىكەن.

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىدا، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن پۇل تاپشۇرۇش چېكى 15 يىل، شەخس قانداق ۋاقىتتا قانداق ئۇسۇل بىلەن قانچە ئۇزاق تاپشۇرۇشنى ئۆزى قارار قىلىدۇ، دېيىلگەن. يەنى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىنىڭ پۇل تاپشۇرغان ۋاقتى 15 يىلغا توشقاندىن كېيىن پۇل تاپشۇرۇشنى توختاتسا، ياكى ياش ۋاقىتدا پۇل تاپشۇرماي، پېنسىيەگە چىقىشقا 15 يىل قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ پۇل تاپشۇرسا، ۋە ياكى بىر مەزگىل پۇل تاپشۇرۇشنى توختىتىپ ئاندىن ئۇلاپ تاپشۇرۇپ 15 يىلنى توشقۇزسا بولىدۇ.

  كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە قارىتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا ئىشقا ئورۇنلاشسىلا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيە يېشى توشقىچە پۇل تاپشۇرۇشى كېرەك. لېكىن بۇ بەلگىلىمە بىلەن، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى پېنسىيەگە چىققاندا پۇل تاپشۇرغان ۋاقتى دەل 15 يىل توشقان ئەھۋال ئاستىدا، شەخس پېنسىيەگە چىقىشتىن 15 يىل بۇرۇن كارخانىغا خىزمەتكە كىرگەن ۋە كۈتۈنۈش پۇلى تاپشۇرغان بولسا پېنسىيەگە چىققاندىمۇ كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشتەك ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن.

  كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىش ھالقىسىدا، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى 2002-يىلدىن باشلاپ ئەڭ تۆۋەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى، يەنى ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغان پېنسىيونېرلارنىڭ ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ٪80دىن تۆۋەن بولسا، شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ٪80 بويىچە تارقاتتى.

  «ئەڭ تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش» سىياسىتى بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ تۆۋەن چەكتىن تۆۋەن پېنسىيونېرلار ئەڭ تۆۋەن چەك بويىچە كۈتۈنۈش پۇلى ئالدى. پېنسىيونېرلارنىڭ پۇل تاپشۇرغان ۋاقتى دەل ئەڭ تۆۋەن پۇل تاپشۇرۇش چېكى 15 يىلغا توشقان ۋە ئېلىشقا تېگىشلىك كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ تۆۋەن چەكتىن تۆۋەن بولسا، كۈتۈنۈش پۇلى ئەڭ تۆۋەن چەك بويىچە تارقىتىلدى، بۇ بەلكىم دەل ئۇنىڭ 22 يىل پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن ئالىدىغان كۈتۈنۈش پۇلىغا تەڭ بولىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن «شەخسەن ئۆزى 15 يىل پۇل تاپشۇرغان كىشى بىلەن 22 يىل پۇل تاپشۇرغان كىشىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەڭ» بولۇشتەك ئەھۋال كېلىپ چىقتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر