باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەشۋىقات خىزمىتىگە باغلانغان مۇھەببەت

2015.11.25 17:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيە ياقا بازىرىدا يېشى70گە ئۇلاشقان، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى مەدھىيەلەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك فاڭجىن – سىياسەتلىرىنى ئاۋامغا يەتكۈزۈش يولىدا خالىس تەشۋىقاتچى بولۇپ كېلىۋاتقان پارتىيە ئەزاسى ئەھمەد مۇھەممەدنىڭ لېكسىيەسىنى بۇ ناھىيەنىڭ يېزا، كەنت، مەھەللىرىدىكى ھەممىلا ئادەم قىزىقىپ ئاڭلايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ سۆزلەشكە تولىمۇ ماھىر. ئۇ پىنسىيەگە چىققان 10 يىلدىن بۇيان خالىس تەشۋىقاتچىلىقنى ئۇدا داۋاملاشتۇرۇپ، ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، ناھىيەلىك پىشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى ھەم ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن 300 مەيداندىن ئارتۇق لېكسىيە سۆزلەپ، پىشقەدەم كادىرلارنىڭ بايراقدارى، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلاندى.

  ئۇ يېقىندا سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا قارىماي، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش تەشۋىقات ئەترىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى، «ئىككى يىغىن»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانلار، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار سىياسەت ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر