باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى يىغىنى گۇاڭجۇدا ئېچىلدى

2015.11.25 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  26-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى يىغىنى 21-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە گۇاڭجۇدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى پۇرسىك، سودا ۋەكىلى فېيلومەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى ۋېرساك قاتناشتى، ئىككى تەرەپ سودىدا قۇتقۇزۇش، تېخنىكا سىياسىتى، ئېكىسپورتنى كونترول قىلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سودىسى قاتارلىق 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق قارالمىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەل بولدى، بەزىلىرىدە ماياھەتلىك ئىلگىرلەش بولدى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلكە ۋە ئىشتاتلارنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەسلەتمىسى قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئىمزالىدى، توردا ساختا دورا سېتىشقا زەربە بېرىش، گىرىم بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەقلىدىي ياسالغان دورا ۋە داۋالاش ماشىنىلىرىنى ئەنگە ئېلىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلدى، ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشى، سودا مەخپىيەتلىكىنى قوغداش، دورا ۋە داۋاۋلاش ئۈسكۈنە ماتېرىياللىرىنى باھالاپ تەستىقلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە يېڭى ئورتاق تونۇشقا كەلدى، ئىككى تەرەپ بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمىنىڭ بىرلەشمە نەتىجە تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر