باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك ساقچى 16پاي ئوق ئېتىپ قارا تەنلىك ياشنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك قاتىللىق بىلەن ئەيىپلەندى

2015.11.25 14:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكا چېكاگودىكى 17ياشلىق قارا تەنلىك ياش ماكدونالدنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئاق تەنلىك ساقچى جەيسىن دەيك 24-نويابىر بىرىنچى دەرىجىلىك قاتىللىق جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەندى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇنى چېكاگو تارىخىدىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىنىڭ تۇنجى قېتىم قاتىللىق بىلەن ئەيىپلىنىشى دېدى.

  ئامېرىكا ئىلىنوي شىتاتى كۇك ناھىيەسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى 24-نويابىر چېكاگو ساقچىسى جەيسىن دەيكنىڭ 24-نويابىر ئەتىگەندە ساقچى تەرەپكە ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. پىلان بويىچە جەيسىن دەيك 24-نويابىر چۈشتىن كېيىن سوتقا چىقىپ، تەرگەۋ قىلىنىدىكەن.

  2014-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، مىسسۇرى شىتاتىنىڭ سانت لۇيىس شەھىرىدىكى فوگسىن بازىرىدا ئاق تەنلىك ساقچى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق 18ياشلىق قارا تەنلىك ياش مايكول بروۋننى توسۇپ ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدىن كېيىن، فوگسېندا قالايمىقانچىلىق ۋە توپىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە پۈتۈن ئامېرىكا تەۋەسىدىكى نارازىلىق پائالىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر