باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئەقلىي كۈتۈنۈش كەسپى كۆك تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىندى

2015.11.25 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈتۈنۈش كۆك تاشلىق كىتابى بولغان «ئېلىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈتۈنۈش كەسپى 2015-يىللىق تەرەققىيات دوكلاتى» 23-نويابىر ئېلان قىلىندى. كۆك تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئېلىمىزنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈتۈنۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن «ئۆگىنىش، كۆچۈرۈش، ئېلىش» باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، كەلگۈسىدىكى ياشانغانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىراق مۇساپىدىن داۋالاشنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈتۈنۈش كەسپى-ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلغان يېڭى تېخنىكا بىلەن ياشانغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى كەسىپنى كۆرسىتىدۇ. كۆك تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ياشانغانلارنى يىراق مۇساپىدىن داۋالاشنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. ئالاقە تورى قوشۇلغان بىلەن كۆچمە داۋالاشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدىكى يىراق مۇساپىدىن داۋالاش-ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش، ساقلىق ساقلاش ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلىدۇ، يىراق مۇساپىدىن داۋالاشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى سوزۇلما كېسەللىكلەرنى پەرۋىش قىلىش ئەندىزىسى، سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تىزگىنلەش، ئېغىر كېسەل بولۇشنى ئازايتىش مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدۇ. خۇلىڭ ساغلاملىقى 365 قۇرۇلۇشى ھازىر ياشانغانلار ساغلاملىقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇش سۇپىسىنى قۇرۇپ، مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئەھۋالى ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە، بېيجىڭ، چېڭدۇ، خاربىن، شەندۇڭنىڭ دوڭيىڭ قاتارلىق جايلىرىدا سىناق قىلىنىپ، يۈز مىڭدىن ئارتۇق ياشانغان كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر