باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ياشانغانلار كۆڭلىنى ئىللىتتى

2015.11.25 16:58        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت، شيوڭ خەييەن خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ دولان كوچا ئىش باشقارمىسى يىرما ئاھالىلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، 10 دانە قىشلىق پاختىلىق چاپان سېتىۋېلىپ، تەۋەسىدىكى ئىگە - چاقسىز ياشانغان بوۋايغا تارقىتىپ بەردى.

  72 ياشلىق بوۋاي روزى مەمتىز مۇنداق دېدى :« بۇ يىل قىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم، دەسلەپتە ئاھالىلەر كومىتېتىدىن كۆمۈر، ئۇن، ماي، گۈرۈچ، يۇڭ ئەدىيال قاتارلىق نەرسىلەرنى تارقىتىپ بەرگەن، مانا ئەمدى قىشلىق چاپانمۇ تارقىتىپ بەردى، گەرچە مېنىڭ بالام بولمىسىمۇ، ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر دائىم مېنى كۆرگىلى كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى ئاستىدا يالغۇزسىرىمايدىغان بولدۇم».

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن شيوڭ خەييەن مۇنداق دېدى :«سوۋغات ئاددى، ئەمما بىزنىڭ ئازغىنا كۆڭلىمىز، مېھر - شەپقەتنىڭ چوڭ - كىچىكى يوق، ھەممەيلەن قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەلنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلايلى».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر