خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى): يېقىندا، كورلا شەھەر يېڭشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپ ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرقايسى يىللىقلار ئارا كولىكتىپ ناخشا ئېيتىش، شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىش، تام گېزىتى ئىشلەش، ۋە ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوت يۈرەك شائىرمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 93 يىللىق خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.سۈرەتتە: يېڭشەھەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوت يۈرەك شائىرمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ 93 يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
مەنبە: خەلق تورى