باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2015-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى % 85.8 كە يەتكەن

2015.11.25 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:«جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەيدىز بىمارلىرى ئاللىقاچان شۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدا مۇتلەق نىسبەتنى ئىگىلىگەن. 2015-يىلى بۇ نىسبەت % 85.8 كە يەتكەن. 24-نويابر، 1-دىكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش-كونترول قىلىش مەركىزى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نى مىڭجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش جەريانىدا، ئوخشاش جىنسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش نىسبىتى ئۆرلەپ دوكلات قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارنىڭ%2.6گە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەتلىك دوكلاتدا شىنجاڭدا ئەيدىز كېسەل ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغۇچىلاردىن 3890ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، 1566 بىمار( بۇنىڭ ئىچىدە 961ى ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغۇچىدىن ئەيدىز كېسىلى بىمارىغا ئۆزگەرگەن)، 927ى ئۆلگەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر