خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ت ئا س س ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 24-نويابر تۈركىيە روسىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەنلىك ۋەقەسىگە قارىتا مۇنداق دېدى: روسىيە بۇنداق جىنايى قىلمىشقا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ، بۇ ۋەقە روسىيە-تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.
پۇتىن سوچىدا ئىوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى بىلەن كۆرۈشكەندە يۇقىرىقى ئىپادىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن: روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايرۇپىلانى سۈرىيەدە تۈركىيە F - 16 كۈرەشچى ئايرۇپىلانى قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. روسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانى دەل شۇ چاغدا تۈركىيە چىگرىسىغا بىر كىلومېتىر قالغان، ئېگىزلىكى 6000 مېتىر ئىدى.
پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە كۈرەشچى ئايروپىلانى دەل شۇ چاغدا سۈرىيە لاتاقىيەنىڭ شىمالىي تاغلىق رايونىدا قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئىكەن، تۈركىيەگە ھېچقانداق تەھدىت كەلتۈرمىگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: روسىيە باشتىن-ئاخىرغىچە تۈركىيەنى دوستى دەپ قاراپ كەلگەن. تۈركىيە نېمىشقا روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردىغانلىقىنى بىلمىدىم. مەن بۈگۈنكى بۇ ۋەقەگە باشقا سۆزلەر بىلەن باھا بەرسەم بولمايدۇ. بۇ تېررورىزم يان-تاياقچىلىرىنىڭ ئارقىمىزدىن ئۇرغان خەنجەر بولدى.پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: روسىيە ئاللىقاچان سۈرىيەدىكى تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان رايونلاردىن تۈركىيەگە زور مىقداردىكى نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكىگەنلىكىنى بايقىغان، نۇرغۇنلىغان مەبلەغ تېررورچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن.
روسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانى شۇ كۈنى تۈركىيە ۋە سۈرىيە چېگراسىدا سۈرىيەنىڭ بىر تەرىپىدە چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. تۈركىيە قوراللىق قىسىم باش شتابى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ كۆپ قېتىم بۇ روسىيە كۈرەشچى ئايرۇپىلانىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ كۈرەشچى ئايروپىلان ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە تەرەپ ئۇنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.بۇ يىل 30-سېنتەبر، پۇتىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، روسىيە ئارمىيىسى سۈرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات « ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىشانىغا ھاۋا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان، ئۇلارنىڭ ھەربىي قورال- ياراغلىرى، ئالاقە تۈگۈنى، توشۇش قوراللىرى، قورال ،ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرى، يېقىلغۇ ساقلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زەربە بېرىش دائىرىسىدە.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى