باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: ئەر-ئايال ئىچىدە بىر تەرەپ يولدىن چىققان بولسا، يەنە بىر تەرەپ روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلسا بولىدۇ

2015.11.20 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-نويابر، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «ئائىلىگە»گە چېتىشلىق 30 تىپىك دېلو ئۆرنىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئەر-ئايال تويلىشىش مۇناسىۋىتىدىن ئاجراشقاندا بىر تەرەپنىڭ يولدىن چىققان قىلمىشى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشى سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

  دوكلات يىغىنىدا، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تولۇقسىز ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلىدىن 2015-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىققان تويلىشىش، ئائىلە ماجىرا دېلولىرى 4 مىليونغا يەتكەن، دېلو كۆپىيىش نىسبىتى تېز، قانۇننىڭ تەتبىق قىلىنىشى قىيىن، سوت ئېچىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئالاھىدىلىكلەر بارا-بارا گەۋدىلەنگەن.

  بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپلىرىگە سوت ئېچىش بىرىنچى سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى جۇ چۇنتاۋنىڭ يىغىندا تونۇشتۇرشىچە، بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققان ئائىلە ئىشلىرى دېلولىرى ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن. 1- سانى كۆپ. ئائىلە ئىشلىرى دېلوسى بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى سوت خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بۇلۇپ، تەخمىنەن بارلىق دېلونىڭ 9 %نى ئىگىلىگەن، ئەنئەنىۋى ھەق تەلەپ ئىشلىرى دېلوسىنىڭ % 20 ىنى ئىگىلىگەن. 2014-يىلنى مىسالغا ئالساق، قوبۇل قىلغان بىرىنچى سوت ئائىلە ئىشلىرى دېلوسى 38619 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تويلىشىشىتىن ئاجرىشىش دېلولىرى بارلىق ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلىگەن. 2- قارمۇ-قارشىلىقى كۈچلۈك. ئائىلە ئىشلىرى دېلوسىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تالىشىدىغىنى ئاساسەن پەرزەنت بىلەن ئۆي بولۇپ، قارشىلىشىش كەسكىن، زىددىيەت كۈچلۈك بولغان. 3- يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆپ بولغان.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر