- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىككى ئۇيغۇر كارخانىچى جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە شەرەپ قۇچتى
2015.12.01 11:55 مەنبە: خەلق تورى
سۆرەتتە: شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى سان-فرانسىسكو شەھىرىدە ئاچقان زەنجىرسىمان دۇكىنى (سۆرەت جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىن ئېلىندى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمئىيىتى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمئىيىتى يېقىندا «2015-يىللىق جۇڭگو ئاشپەزلىك ساھەسىدىكى ئىلغار كارخانىچىلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار كارخانىچىلارنى تەقدىرلىدى. ئىككى نەپەر ئۇيغۇر كارخانىچى جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى ئىلغار كارخانىچىلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى.
«2015-يىللىق جۇڭگو ئاشپەزلىك ساھەسىدىكى ئىلغار كارخانىچىلارنى تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، 15 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرگەن شىنجاڭ ھەرەمباغ يېمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى زۇلپىقار ئەبەيدۇللا جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچىگە ئىگە يۈز نەپەر كارخانىچى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان؛ بېيجىڭ روزىباي يېمەك-ئىچمەك مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى روزىمۇھەممەت ھېيت جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىكى ئىلغار كارخانىچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر