باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى ئېلان قىلىپ ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى

2015.12.04 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 3-دېكابىر پايتەخت موسكۋادىكى كرىمىل سارىيىنىڭ سان گىئورگىئو زالىدا يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: روسىيە دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتى ئېشىۋاتىدۇ، زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلار «توختىماي مالىيە ياردىمىگە ئېرىشىۋاتقان» ئەھۋالدا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش تېخىمۇ قىيىنلاشتى. بۇنداق شارائىتتا، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىختىلاپنى تاشلاپ، ب د ت رەھبەرلىكىدىكى تېررورلۇققا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇشى كېرەك.

  پۇتىن مۇنداق قارىدى: ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىشكە تۆھپە قوشۇش مەجبۇرىيىتى بار، «بۇ تېررورچى ئۇنسۇرلارنى قانات ئاستىغا ئالماسلىق، قوش ئۆلچەم يۈرگۈزمەسلىك، ھەر قانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئارىلاشماسلىق، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىگە يەتمەسلىك، تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن ھەر قانداق قەبىھ، قانلىق سودا قىلماسلىق كېرەك».

  روسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋەت كرىزىسى تىلغا ئېلىنغىنىدا، پۇتىن مۇنداق دېدى: روسىيە تۈركىيەنىڭ روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىگە قارىتا تۈركىيەگە قوراللىق تەھدىت سالمىسىمۇ، لېكىن تۈركىيەمۇ ئۆتكەلدىن كۆز بوياپ ئۆتىۋالدىم دەپ ئويلىمىسۇن، ئاز-تولا جازالاش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: ئۇلار ئۆزلىرى ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنىڭ قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ... بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئاساسى ئالدى بىلەن دۆلەت ۋە خەلققە مەسئۇل بولۇش. لېكىن بەزىلەر ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن، پەمىدۇر ئىمپورت قىلىش ۋە قۇرۇلۇش كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە ئازراق چەكلىمىگە ئۇچراپلا جازادىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلىغان بولسا، ئۇنداقتا زور خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن كۆپ قېتىم پۇشايمان قىلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر