باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۋاتقان پارتىيەلەر سۆزلىشىش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى

2015.12.03 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو رۇسىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۋاتقان پارتىيەلەر سۆزلىشىش مېخانىزمىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۈسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە « جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسى» باش تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئىككى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۋاتقان پارتىيەلەر سۆزلىشىش مېخانىزمى يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ سەھنىدىن پايدىلىنىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىن ئۈگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ليۇ يۈنشەن يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۋاتقان پارتىيەلەر سۆزلىشىش مېخانىزىمىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر