باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: جەنۇبىي كالفورنىيە شتاتىدىكى قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

2015.12.04 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 3-دېكابىر مۇنداق دېدى: جەنۇبىي كالفورنىيە شتاتىنىڭ سان بېرناردىنو شەھىرىدە يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەملىك قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

  ئوباما شۇ كۈنى ئاق ساراينىڭ ئېللىپس شەكىللىك ئىشخانىسىدا مۇنداق دېدى: ھازىرقى باسقۇچتا بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقەنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئادەمنىڭ يېنىدىن قورال چىققان، ئۇلار ئۆيىدە باشقا قوراللارنىمۇ يوشۇرغاندەك تۇرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋە قانداق پىلانى بارلىقىنى تېخى بىلمەيمىز.

  ئوباما مۇنداق دېدى: فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھازىر مەسئۇل بولۇپ تەكشۈرىۋاتىدۇ. ۋەقە بەلكىم تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس، بەلكىم خىزمەت ئورنى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.جەنۇبىي كالفورنىيە شتاتىدىكى قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسىدە ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 14 ئادەم قازا قىلدى، بۇ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان چوڭ كۆلەملىك قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر