باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوندىن 2729 ى بار

2015.12.03 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 2-دېكابىر مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايوندىن 2729 ى بار ئىكەن، %85 قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ئۈنۈملۈك قوغدالغان. ئېلىمىزدە تەبىئىتى قوغدىلىدىغان رايون تايانچ قىلىنغان، جۈملىدىن داڭلىق مەنزىرىگاھلار، ئورمان باغچىلىرى قاتارلىق جانلىقلارنى كۆپخىل قوغداش تورى سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىز ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە كۆرىنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چيۇ چىۋېن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 2020-يىلىغىچە جانلىقلار كۆپخىللىقىنىڭ يۇقۇلۇش سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشىنى ئاساسەن كونتىرول قىلىش ئۈچۈن، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ. بىرىنچى، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى تەكشۈرۈپ ۋە باھالاپ، تەكتىكىنى ئېنىقلايدۇ. ئىككىنچى، جانلىقلارنىڭ كۆپخىللىقىنى كۆزىتىش تورىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈچۈنچى، ئۆز يېرىدە قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. تۆتىنچى، كۆچكەن يەردە قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيە بايلىقىنى توپلايدۇ. بەشىنچى جانلىقلار كۆپخىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سىنىقىنى يولغا قويىدۇ. ئالتىنچى، جانلىقلار كۆپخىللىقىنى قوغداش ۋە نامراتلارنى ئازايتىشقا تۈرتكە بولىدۇ. يەتتىنچى، ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر