باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پارىژ شەھىرى كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن نامايىشنى چەكلىدى

2015.12.03 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە پارىژ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىچىل كاردو تۈنۈگۈن چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، 13-دېكابىر يېرىم كېچىگىچە، پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنى ئېچىلغان جاي تۇرۇشلۇق بۇرگېت كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم جايلار ھەم پارىژ مەركىزىي رايونىدىكى چامپىس ئېلىس كوچىسى، پارىژ خان سارىيى ۋە كونكورد مەيدانىدا نامايىش قىلىشنى چەكلىدى.

  كاردو بىر ئاخبارات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارىژ كىلىمات ئۆزگىرىش يىغىنىنىڭ بىر قىسىم ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرى مۇشۇ جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقتىن، نامايىشنى چەكلىدۇق. نامايىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۇزۇن بولغاندا ئالتە ئايلىق قاماققا ئېلىنىشى ھەم 7500 ياۋرو جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر