باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھەركەتلىنىپ، ئەيدىزنى تۈگىتەيلى

2015.12.03 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن 28-دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى، بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى:«ھەركەتلىنىپ، ئەيدىزنى تۈگىتەيلى». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە ئەيدىز يۇقۇمى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاستا تارقىلىش ھالىتىدا تۈرماقتا. ئەمما 20ياشتىن تۆۋەن، 60ياشتىن يۇقىرى يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيمەكتە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى تۆۋەن ياشلىقلار ۋە ھەمجىنىسلارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە. جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترۇل قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، بۇ توپتىكى ئەيدىز كېسىلى ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېشىپ %35كە يەتكەن. جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونتىرول قىلىش مەركىزى جىنسى كېسەللىكلەر، ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ زۈنيوۋ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەيدىز كېسىلى يۇقۇمى ئاساسلىقى جىنىسى مۇناسىۋەتتىن، ئاساسلىقى ئەرلەر ھەمجىنىسلاردىن تارقالغان، جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلى ئالى مەكتەپلەرگە سېڭىپ كىرىشكە باشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن دوكلات قىلىنغان ئەيدىز كېسىلى ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارى 104مىڭ بولۇپ، 2013-يىلغا قارىغاندا %14.8ئاشقان، يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق ئاستا تارقىلىش سەۋىيەسىىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار، ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ئارىسىدا يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن. گەرچە مەملىكەت ئىچىدە ئەيدىز كېسىلىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش يولى كۆپ خىل ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەخپىي بولىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ كىشىلەر توپى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىدىكى «قارا ئۆڭكۈر» بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. بېيجىڭ يوۋئەن دوختۇرخانىسى جىنسى كېسەللىكلەر، ئەيدىز كېسىلىنى كىلىنكىلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن لىجۈن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: 1- جىنسى مۇناسىۋەتتە مۇداپىئە تەدبىرىنى ياخشى قوللىنىش كېرەك، چوقۇم گاندۇن ئىشلىتىش كېرەك. 2-ئەگەر جىنىسى مۇناسىۋەتتە ھەقىقەتەن گاندۇن ئىشلەتمىگەن بولسا، بالدۇراق دوختۇرخانىغا كېلىپ دىياگىنوز قويدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك، قانچە بالدۇر بولسا، شۇنچە ياخشى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر