باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ « ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ھەپتىلىكى »دە توپلانغان مەبلەغ 50مىليون يۈەندىن ئاشتى

2015.11.30 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئامىللىرى يىغىلغان « شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى » ئوڭۇشلۇق ئاياغلىشىپ، ھەرخىل فوند، كارخانىلار تەمىنلىگەن 50مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەت ھەپتىلىكىدە، سوغۇق تاماق يىغىنى ئېچىش شەكلىدە 200دىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلىگۈچى ياشلار خېيىم - خەتەر مەبلىغى سېلىش فوندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان؛ 6نەپەر مۇنەۋۋەر ئىگىلىك تىكلەش ياشلار ۋەكىللىرى نەق مەيداندا ئىجادىيەت پىكىر يولىنى كۆرسىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تونۇشتۇردى، سودىگەر چاقىرىش قۇرۇم فوندى قاتارلىق 11داڭلىق مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى ۋە ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى نەق مەيداندا سوئال سوراش، مۇھاكىمە قىلىش، باھا بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىگىلىك تىكلەش ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانى، سودا ئەندىزىسى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈردى ھەمدە مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسىنى بىرلىككە كەلتۈردى. « يىپەك يولى ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش » تۈرى 28نەپەر ئىگىلىك تىكلەش ياشلار بىلەن مەبلەغ سالغۇچى مەبلەغ سېلىش مۇددىئاسىنى بىرلىككە كەلتۈردى، توختام سوممىسى جەمئىي 42مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭدىن سىرت، 100دىن ئارتۇق ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى جايلاردىكى ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كىردى.

  شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مەركىزى قاتارلىق 10ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى سۇپىسىغا رەسمىي تۈردە تۇنجى تۈركۈمدىكى « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قولمۇقول يېڭىلىق يارىتىش ماكانى » دەپ نام بېرىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر