باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىشلىق ساياھەت يەرمەنكىسىدە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئىمزالانغان 19تۈرنىڭ سوممىسى 3مىليارد 500مىليون يۈەنگە يەتتى

2015.11.30 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 28- نويابىر 2015 - يىللىق جۇڭگو غەربىي رايون قار - مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 10 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئىمزالاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەت كەسىپ ھەمكارلىقى، ساياھەت مەنزىرە رايونى چوڭقۇر ئېچىش، ئۆز ئارا ساياھەتچىلەرنى ئەۋەتىش، ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش ساياھىتى، ئەقلىي ساياھەت قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان 19تۈرنى ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 3مىليارد 500مىليون يۈەنگە يەتتى. ئىمزالاش يىغىنىغا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىمزالىغان تۈرلەر ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەت تارماقلىرى، ساياھەت كارخانا گۇرۇھى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم، ھەمدە شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ساياھەت تارماقلىرى، ئالاقىدار ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلىك ئورگانلىرى، كارخانىلار بىلەن ئىمزالىغان توختام بار بۇلۇپ،شۇنداقلا يەنە جوڭگو، روسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە تۆت دۆلەت ئالتە تەرەپ ھالقىسى ئالتاي تېغى خەلقئارا ساياھەت ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى تۈزدى.مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا « شىنجاڭنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەت كۆجۈم مەركىزى قىلىپ قۇرۇش ” ، “ ، جەنۇبى شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت ساياھەت مەنزىلى قۇرۇش » تەرەققىيات نىشانىنى ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكى ئۈچۈن تارىخى تەرەققىيات پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى - سىرتىدا شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى چەكسىز سودا پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر