باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن تۈركىيەنى جازالايدىغان زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالىدى

تۈركىيە رۇسىيىلىك ئۇچقۇچىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2015.11.30 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 28-نويابىر تۈركىيەنى جازالايدىغان زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالىدى. بۇنىڭغا قارىغاندا، روسىيە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە بېرىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە بولمايدىكەن؛ ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ روسىيە-تۈركىيە ھاۋا لىنىيەسىدە بېرىپ-كېلىش مەنئى قىلىنىدىكەن؛ تۈركىيە ترانسپورت شىركىتىنىڭ روسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى پائالىيىتى قاتتىق نازارەت قىلىنىدىكەن؛ پورت، روسىيە ئازوۋ دېڭىزى-قارا دېڭىز دائىرىسىنىڭ توشۇش بىخەتەرلىكى نازارەت قىلىنىدىكەن، بۇ تۈركىيە پاراخوتلىرىنىڭ روسىيە دېڭىز پورتلىرىدا توختىشى ۋە يۈرۈشىنى مەنئى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ دىپلوماتىك خادىملار، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى بارلاردىن باشقا تۈركىيە پۇقراسىنىڭ 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ روسىيە چېگرىسىگە كىرىشى ۋاقىتلىق چەكلىنىدىكەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇتئوغلۇ 29-نويابىر، تۈركىيە ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەن روسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى جەسىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن تۈركىيە چېگرىسى ئىچىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى، تۈركىيەنىڭ جەسەتنى روسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر