باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى 200مىڭدىن ئارتۇق بالا تاسادىپىي ۋەقەدە ئۆلۈپ كېتىدىكەن

2015.11.30 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 29-نويابىر ئېچىلغان ئوتتۇرا تومۇر ياش-ئۆسمۈرلەر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكىتى مەخسۇس تۈش فوندى قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا ئىگىلىنىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھەر يىلى تەسادىپىي ۋەقە سەۋەبلىك قازا قىلغان بالىلارنىڭ سانى 200مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 540تىن كۆپرەك بالا تەسادىپىي قازا قىلىدىكەن، تەسادىپىي يارىلىنىپ قازا قىلغان بالىلارنىڭ سانى قازا قىلغان بالىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

  جۇڭگو بالىلار - ئۆسمۈرلەر فوندىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى چېن شيۇروڭنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن، ئوت ئاپىتى، قاتناش ۋەقەسى، تەسادىپىي يارىلىنىش قاتارلىق بالىلار بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن، بۇنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان بىخەتەرلىك تەشۋىقات-تەربىيەسىنىڭ كەمچىللىكى بىلەن ناھايىتى چوڭ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو ئۆسمۈرلەر-ياشلار فوندى بىرلىكتە باشلىغان ئوتتۇرا تومۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەرىكىتى شەھەرلەردىكى كۆچمە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك ئېڭىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان مەملىكەت خارەكتېرلىك ئاممىۋىي پاراۋانلىق تۈرى بولۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بىخەتەرلىك تەربىيەسى دەرسخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن، 3يىلدا 15مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر