باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كۈن تەرتىبى، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تۈرلىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى

2015.11.30 13:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىت مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىنىشكە يەنە 52 كۈن قالغاندا 29 – نويابىر شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاخارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ 2016 – يىلى 20 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى 16 دە شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيىدا باشلىنىدىغانلىقى، يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ 30 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى 11:30 دا «يىپەك يولى» چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا يەنە پۈتكۈل مۇسابىقىنىڭ كۈن تەرتىبى، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تۈرلىرى، ئالتۇن مېدال، كۈمۈش مېدال ۋە مىس مېدال شەكىللىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىبى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ مۇنداق دېدى: مۇسابىقىنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردىكى چۈشتىكى تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 6 گرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، بەك سوغۇق ئەمەس؛ يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ مەيدان سىرتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىكى ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ؛ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ مۇز ئۈستىدە، يېپىلىش مۇراسىمىنىڭ قار ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلىنىشى «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرۈپ، دۇنياغا تەسىر قىلىش» دەك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش نىشانىغا يېڭىچە بىر يارقىن نۇقتا ھازىرلايدۇ.

  مۇسابىقىنىڭ كۈن تەرتىپى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ھەققىدە ئىگىلىشىمچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلىنىدىغان سەكرەش پەشتىقىدىن چاڭغا تېيىلىش تۈرىدە 9 – يانۋاردىن 10 – يانۋارغىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىنىدىغان بولۇپ، مۇز چەينەك، مۇز توپ ۋە تېز سۈرئەتتە تېيىلىش تۈرلىرىدە 14- يانۋاردىن باشلاپ 18 – يانۋارغىچە مۇسابىقە باشلىنىدىكەن. باشقا تۈرلەردىكى مۇسابىقىلەر ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن باشلىنىدىكەن. قىش پەسىللىك 2 مۇسابىقە تۈرى ۋە U  شەكىللىك چاڭغا مەيدانىدىكى مۇسابىقە تۈرلىرى 30 –يانۋار چۈشتە ئاياغلشقاندىن باشقا بارلىق مۇسابىقە تۈرلىرى 30 – يانۋاردىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن. مۇسابىقە جەريانىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 210 نەپەر تەنھەرىكەتچى شىنجاڭدىكى 9 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە ۋاكالىتەن 5 چوڭ تۈر، 11 تارماق تۈر، 97 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن. شۇنداقلا تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، پىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش، ئەركىن ئۇسلۇبتا قار تېيىلىش ۋە  شەكىللىك چاڭغا مەيدانىدا قار تېيىلىش، ئەركىن ئۇسلۇبدا قار تېيىلىشتا كۆكتە ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق تۈرلەردە مېدال ئېلىش مۈمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

  مۇسابىقە ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى ئوبلاستى ئىككى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىنىدىكەن، شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ۋە «يىپەك يولى» چاڭغا مەيدانى ئۈرۈمچى مۇسابىقە مەيدانىدىكى، تەڭرىتاغ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى سانجى ئوبلاستىدىكى ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانى بولىدىكەن.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن «قارشى ئېلىش، خەلقگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەمەلىي ھەرىكەت، كۈچ ئۇلاش، تەشۋىقات» ئاساسىي تېمىسىدا سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر