13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 29-نويابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ تاراتقۇلار مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى، تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، مۇسابىقە رايونى ۋە مۇسابىقە تەرتىپى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تەنتەربىيە سارىيى قۇرۇلۇشى ھەم شۇنىڭغا ئالاقىدار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2016-يىل 20-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ قېتىملىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇز ئۈستى تۈرى، قار ئۈستى تۈرى، قىشلىق ئىككى تۈر، مۇز چەينەك، مۇز توپتىن ئىبارەت 5 چوڭ تۈر، 11 تارماق تۈر ۋە 97 كىچىك تۈر تەسىس قىلىندى. ئۇنىڭ ئىچىدە، مۈز ئۈستى تۈرى 3 تارماق تۈر، 44 كىچىك تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ئۇلار تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىشنىڭ 18 كىچىك تۈرى، قىسقا ئارىلىققا تېز سۈرئەتتە تېيىلىشنىڭ 16 كىچىك تۈرى، شەكىل چىقىرىپ مۇز تېيىلىشنىڭ 10 كىچىك تۈرىدىن ئىبارەت. قار ئۈستى تۈرى بەش تارماق تۈر، 37 كىچىك تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئېگىزلىكتە چاڭغا تېيىلىشنىڭ 6 كىچىك تۈرى، دالىدا چاڭغا تېيىلىشنىڭ 8 كىچىك تۈرى، سۇپىدىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىشنىڭ 3 كىچىك تۈرى، يەككە تاختىلىق چاڭغا تېيىلىشنىڭ 8 كىچىك تۈرى، ئەركىن شەكىلدە چاڭغا تېيىلىشنىڭ 12 كىچىك تۈرىدىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا، قىشلىق ئىككى تۈرنىڭ 9 كىچىك تۈرى بولۇپ، ئۇلار مۇز چەينەكنىڭ 5 كىچىك تۈرى ۋە مۇز توپنىڭ 2 كىچىك تۈرىدىن ئىبارەت.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش كاتىپى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، بۇ قېتىملىق قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەڭ كۆپ قاتناشقان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقە. ھازىر 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىشىغا 50 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى. بۇ تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇسابىقىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان مۇسابىقە، مۇلازىمەت ۋە كاپالەت مۇھىتىنى تەمىنلەيمىز، بىز بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى بىر قېتىملىق «يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، تېجەشلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، خاسلىققا باي، ئۇنتۇلغۇسىز، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرىدىغان، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان» مۇسابىقە قىلىپ، 2022–يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۈچۈن پارلاق سەھىپە يارىتىمىز.