باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىش كېرەك

13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.30 18:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى 23 – نويابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا: تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە بايلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇتۇش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، 13 – نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەملىكەتلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شۇنداقلا مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي شىمالدىن چىقىپ، شىنجاڭغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، بۇ قېتىمقى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭنىڭ 2022 – يىللىق قىشلىق ئو ت م نى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م ئۈچۈن كەيپىيات يارىتىش، مەدەت بېرىش، ئالاھىدە تۈس قوشۇشتەك ئالاھىدە بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان، ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى 2022 – يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى بىلەن باغلاش ھەم 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى شىنجاڭنىڭ ئوبرازى ۋە ساداسىنى نامايان قىلىدىغان سۇپىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات مەزمۇنىنى بېيىتىشقا كۈچەش كېرەك. قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىگە تۈرتكە بولۇش ھەم ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› ئىستراتېگىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشۋىقات خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بارلىق تەشۋىقات بايلىقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش كېرەك. ھازىر 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ خىزمەتلىرى ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كەلدى، ئىنچىكە پىلانلاپ، ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىپ، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ‹‹يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېجەشچان، خاسلىققا ئىگە، سەرخىل، ئۇنتۇلغۇسىز، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگۈدەك، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك›› مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت كاتتا مۇسابىقىسىنى تىرىشىپ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ قىشلىق ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن كەيپىيات يارىتىپ ۋە مەدەت بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاكتىپ كۈچ توپلاش كېرەك.

  يىغىندا، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشۋىقات خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئىككى مۇسابىقە رايونى مۇسابىقە رايونلىرىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر