باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹12–بەش يىل›› نىڭ ئالدىنقى تۆت يىلىدا 950 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى

قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشتا كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى

2015.11.30 18:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئاقچىغ كەنتىدىكى خەيرىنساخان سادىر نويابىردىن باشلاپ ھەر كۈنى نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىغا بېرىپ گىلەم توقۇپ، ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىكەن. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: دېھقانچىلىقنى تۈگىتىپ باشقا ئىش قىلىپمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىكەن، ھۆكۈمەت ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەچكە، ھازىر ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى خېلى ياخشىلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەزدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونغىچە مەبلەغ، سىياسەت، تۈر جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە يۆلىگەچكە ۋە ئۇلارغا مايىللاشقاچقا، يەرلىكنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. 2011 – يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دۆلەت تەرىپىدىن نامراتلارنى يۆلەشتىكى 14 ئاساسىي جەڭگاھنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى. ‹‹12 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ‹‹رايون تەرەققىياتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئارقىلىق رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› ئاساسىي تەسەۋۋۇرىنى بېكىتىپ، مەخسۇس تۈر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، ئىجتىمائىي كۈچلەر نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت ‹‹تۆت بىر گەۋدىلەشكەن›› نامراتلارنى يۆلەش كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جامائەت مۇلازىمىتى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چۆرىدەپ، مەركەز، ئاپتونوم رايون ھەم جايلارنىڭ مالىيە مەبلىغىنى نۇقتىلىق مايىللاشتۇردى، تۆت يىلدا جەمئىي 70 مىليارد 860 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون تەۋەلىك رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش، چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش، تاغلىق رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ‹‹بەش قۇرۇلۇش››نى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات كەنتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش تۈر قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تەۋەلىك رايون تەرەققىياتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش جېڭىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ۋە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. ھەر مىللەت ئامما باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق كىرىمنى ئاشۇرىدىغان كەسىپلەرگە تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى. 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 5742 يۈەنگە يېتىپ، 957 مىڭ 800 ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست 3 مىليارد 739 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، 1130 نامرات كەنتتە پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، پىلاندىكى ۋەزىپىنىڭ %80ىنى تاماملىدى، 920 نامرات كەنت پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمىگە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشتا كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتىن كىيىنىش، تويۇنۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى تېزلىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى، يۆلەش مەبلىغىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلار ھېسابلىنىدىغان قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا زور ئۆزگىرىش بولماقتا.

  لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا يېزىسى پىلەڭئېرىق كەنتىدىكى تۇرسۇننىياز سېيىت 2012 – يىلى كونا كېسەك ئۆينىڭ ئورنىغا مىللىيچە ئۇسلۇبتىكى ئۈچ ئېغىزلىق يېڭى ئۆي سېلىۋالغان. تۇرسۇننىياز خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەممە ئائىلىدە سۇ، توك، پار، گاز، تازىلىق ئۆيى، ئاشخانا بار بولدى، شەھەرلىكلەردەك ياشايدىغان بولدۇق.

  ئاپتونوم رايون 2011 – يىلىدىن باشلاپ تۈرلۈك مەبلەغلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا نامرات رايونلارنىڭ ئۇزاق تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان بىر تۈركۈم سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش، ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم نامرات كەنتلەرنىڭ سۇ، توك، يول ۋە رادىيو – تېلېۋىزىيە سىگنالى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئۇدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، شەھەر، يېزا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلاش خىزمىتىنى يولغا قويدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايون مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارغا مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى باسقۇچتا نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش ئاساسىنى پۇختىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر